Appendix:گرامماتىكا
Appearance
بۇ بەتتە گرامماتىكىلىق ئۇقۇملار چۈشەندۈرۈلىدۇ
Index |
ئا ئە ب پ ت
|
ق
[تەھرىرلەش]- قىسقارتىلما سۆز : شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىرىكمىلىرى تەركىبىدىكى ھەربىر سۆزنىڭ بېشىدىن بىر تاۋۇشنى (يېزىقتا ھەرپنى) ياكى بىر بوغۇمنى ئېلىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر قىسقارتىلما سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
- قوشۇمچە قوشۇش : ئۇيغۇر تىلىدىكى گرامماتىك شەكىللەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قوشۇمچە قوشۇش يولى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىسىمنىڭ كېلىش شەكىللىرى ۋە تەۋەلىك شەكىللىرى.
- قوشۇمچە مورفېما :
- قاتما سۆز : ئۇيغۇر تىلىدا مەلۇم سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىنىڭ بەلگىلىك گرامماتىك شەكىلدە تۇراقلىشىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان بىر قىسىم لېكسىكىلىق بىرلىكلەر بولۇپ، بۇلارنى قاتما سۆز دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
- قارىمۇقارشىلىق مۇناسىۋەت : مەسىلەن؛ ئاستىن-ئۈستۈن، ئاق-قارا، بۈگۈن-ئەتە
ئا
[تەھرىرلەش]- ئارقا قوشۇمچە : سۆزنىڭ ئارقىغا قوشۇلىدۇ.
- ئالدى قوشۇمچە : سۆزنىڭ ئالدىغا قوشۇلىدۇ.
- ئاددىي سان :
ئې
[تەھرىرلەش]ئى
[تەھرىرلەش]- ئىسىم : بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى (مەسىلەن: ئۆي ئۆيلەر)؛ تەۋەلىك شەكىللىرى (مەسىلەن: ئۆيۈم ئۆيۈڭ ئۆيىڭىز ئۆيلىرى ئۆيىمىز ئۆيۈڭلار ئۆيۈڭىزلار ئۆيى)؛ ھەر خىل كېلىش شەكىللىرى (مەسىلەن: ئۆي ئۆينىڭ ئۆينى ئۆيدە ئۆيدىن ئۆيدەك ئۆيدىكى ئۆيگىچە ئۆيچىلىك). ئىسىمنىڭ پېئىلغا ئۆزگىرىشى (مەسىلەن: باغ بول باغ قىل ئادەم بول كىچىك بول مۇنداق بول مۇنداق قىل ...)
ب
[تەھرىرلەش]- بىرىككەن سۆز : بىرىككەن سۆزلەر ئىككى سۆزنىڭ بېقىنىش-بېقىندۇرۇش ياكى ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدە بىرىكىپ تاۋۇش ۋە مەنە جەھەتتىن ئايرىلماس بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان لېكسىكىلىق بىرلىكلەردۇر. مەسىلەن: ئاشقازان، تامگېزىت
گ
[تەھرىرلەش]- گرامماتىكا : گرامماتىكا تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى بولۇپ، سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىلىرى بىلەن سۆز-جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گرامماتىكا مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس دەپ ئىككى قىسىمغا بولۈنىدۇ.
- گرامماتىكىلىق مەنە : گرامماتىك مەنە دېگىنىمىز بولسا ھەربىر سۆزنىڭ شۇ تىلدىكى بىر تۈركۈم سۆزلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان بەلگىلىك تۈرلىنىش قائىدىسى ياكى بىرىكىش قائىدىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئابستراكت مەنىسىدۇر.
- گرامماتىكىلىق شەكىل : سۆزلەرنىڭ بەلگىلىك تۈرلىنىش ياكى بىرىكىش قائىدىسىنى كۆرسەتكۈچى، يەنى بەلگىلىك گرامماتىك مەنىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى تاشقى بەلگە گرامماتىك شەكىل دېيىلىدۇ.
- گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە : سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىلىرى بىلەن سۆز-جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنىڭ تىپ بىرلىكلىرى گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە دېيىلىدۇ.
ت
[تەھرىرلەش]- تىل : تىل تاۋۇشى، سۆزلۈك ۋە گرامماتىكادىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپقان.
- تۈپ سۆز : تۈپ سۆزلەر بىرلا مورفېمىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
- تۈرداشلىق مۇناسىۋەت : مەسىلەن: دەپتەر-قەلەم، يوتقان-كۆرپە
- تىركەلمە : مەسىلەن: ئۆي توغرۇلۇق ئۆي ئارقىلىق ئۆي بويىچە ئۆي قاتارلىق ئۆي كەبى ئۆيگە ئائىت
ج
[تەھرىرلەش]- جۈملە : سۆزلىگۈچىنىڭ بەلگىلىك ئوي-پىكرىنى بىلدۈرىدىغان تىل بىرلىكى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.
- جۈملە بۆلىكى : سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىسىدىكى ۋەزىپىسى بويىچە تۈرگە بۆلۈنۈشى جۈملە بولىكى دەپ ئاتىلىدۇ.
- جۈپ سۆز : جۈپ سۆزلەر تەڭداش ئىككى بۆلەكنىڭ جۈپلىشىشىدن ھاسىل بولغان لېكسىكىلىق بىرلىكلەردۇر.
ك
[تەھرىرلەش]ل
[تەھرىرلەش]- لېكسىكىلىق مەنە : لېكسىكىلىق مەنە دېگىنىمىز ھەربىر سۆزنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان كونكېرت مەنىسى
م
[تەھرىرلەش]- مورفولوگىيە : مورفولوگىيە سۆزلەرنىڭ گرامماتىك تۈرلىرى (سۆز تۈركۈملىرى) ۋە سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىلىرى (سۆزلەرنىڭ گرامماتىك شەكىللىرى) نى تەتقىق قىلىدۇ.
- مورفېما : تىلدىكى ئەڭ كىچىك، باشقا مەنىلىك بۆلەككە ئاجراتقىلى بولمايدىغان مەنە بۆلەكلىرى مورفېما دەپ ئاتىلىدۇ.
- مۇستەقىل مورفېما :
- مەنىداش مۇناسىۋەت :
- مۇرەككەپ سان :
- مۆلچەر سان :
س
[تەھرىرلەش]- سۆز تەرتىپى :
- سىنتاكسىس : سىستاكسىس سۆزلەرنى تەشكىللەپ، ئۇلاردىن سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملە ھاسىل قىلىش ئۇسۇللىرىنى، جۈملە تىپى ۋە ئۇلارنى تەشكىللەپ مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ھاسىل قىلىش يوللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
- سۆز ياسىغۇچى مورفېما : بىر سۆزگە قوشۇلۇپ يېڭى بىر سۆزنى ياسايدىغان مورفېمىلار سۆز ياسىغۇچى مورفېما دېيىلىدۇ.
- سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە : سۆز ياسىغۇچى مورفېما غا قاراڭ.
- سۆز تۈرلىگۈچى مورفېما : بىر سۆزگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەستىن، ئۇنىڭغا تۈرلۈك گرامماتىك مەنىلەرنى قوشىدىغان مورفېمىلار سۆز تۈرلىگۈچى مورفېمىلار دەپ ئاتىلىدۇ.
- سۆز : مەنە ۋە تاۋۇش جەھەتتىن ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن، ئايرىم تۇرۇپ بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ كىچىك تىل بىرلىكى سۆز دەپ ئاتىلىدۇ.
- سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى : ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر تۈزۈلۈشىگە قاراپ، تۈپ سۆز، ياسالما سۆز، بىرىككەن سۆز، قاتما سۆز، جۈپ سۆز، قىسقارتىلما سۆز دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
- سۆز بىرىكمىسى : ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل سۆزنىڭ سىنتاكسىسلىق يول بىلەن بىرىكىشىدىن ھاسىل بولۇپ، بەلگىلىك بىر ئوي-پىكىرنى ئەمەس، بەلكى سۆزگە قارىغاندا مۇرەككەپ بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان تىل بىرىلىكى سۆز بىرىكمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
- سۆز تۈركۈمى : تىلدىكى سۆزلەرنىڭ مەنە ۋە گرامماتىك خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە تۈرگە بۆلۈنۈشى سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ.
- سۆز يىلتىزى : يىلتىزداش سۆزلەرگە ئاساس بولغان تۈپ سۆز سۆز يىلتىزى دەپ ئاتىلىدۇ.
- سان : ساناق سان (بىر ئون بىر)؛ مۆلچەر سان (ئونچە مىڭچە)؛ تەرتىپ سان (بىرىنچى)؛ كەسىر سان (تۆتتىن بىر)؛ تەقسىم سان (بىردىن بەش-ئالتىدىن)؛ رەۋىش سان (مىڭلاپ بىرلەپ)؛ كىشىلىك سان (بىرەيلەن بەشەيلەن ئون نەچچەيلەن)؛ ئالماش سان (ئىككىمىز بەشىڭلار تۆتى) قاتارلىق سان تۈرلىرى بار.
- ساناق سان :
ي
[تەھرىرلەش]- ياردەمچى سۆز :
- ياسالما سۆز : ياسالما سۆزلەر تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
- يىلتىزداش سۆز : بىر تۈپ سۆز ئاساسىدا ياسالغان بىر توپ سۆز يىلتىزداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.