ئۆي

ئورنى Wiktionary

ئۇيغۇرچە


ئېتىمولوگىيە

قەدىمكى تۈركچە 𐰋 (ئەب/eb) سۆزىدىن.

ئىسىم

  1. ياشاش ياكى تۈرلۈك تەشكىلات، مۇئەسسەسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىمارەت، بىنا.
    ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي
    (ماقال) ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە ئىتنىڭ سىيگۈسى كەپتۇ.
    (ماقال) قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.
  2. بىنا، ئىمارەت ئىچىدىكى ھەربىر خانا.
    يورۇق ئۆي.
    قىز بىر ئۆيدىن چىقىپ، ئىككىنچى بىر ئۆيگە كىرىپتۇ.
  3. بىرەر ئىجتىمائىي تەلەپنى قاندۇرۇشقا قارىتىلغان مۇئەسسەسە، ساراي.
    مەدەنىيەت ئۆيى.
    دەم ئېلىش ئۆيى.
    بالىلار ئۆيى.
  4. ئائىلە.
    ئۆي تۇتماق.
    (ماقال) قىرىق ئۆي قۇدا بولسا، قىرىق يىل قىرغىن بولماس.

Terjimesi