Wiktionary:ئىجتىمائى رايون

ئورنى Wiktionary

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرچە ۋىكىلۇغەت تور جەمئىيىتىگە خۇش كېلىپسىز. بۇ يەردە ۋىكىلۇغەتكە نىسپەتەن ھەر قانداق تەكلىپ، پىكىر، سۇئاللىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. نۆۋەتتە بار بولغان ئەزالارمۇ ئورتاق مۇنازىرىلەرنى بۇ يەردە ئېلىپ بارساق بولىدۇ. مەلۇم تېمىغا خاس مۇنازىرىنى شۇ تېمىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە ياكى بۇ يەردە ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ.


دىققەت قىلىدىغان ئىككى نۇقتا بار:

  1. كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، سۇئال ياكى جاۋابىڭىزنىڭ ئاخىرىغا توت دانە دولقۇنسىمان بەلگە (~~~~) قويۇشنى ئۇنتىماڭ. بەت ساقلانغاندىن كېيىن بۇ بەلگە ئاپتوماتىك ھالدا سىزنىڭ ئىمزايىڭىز ۋە چىسلاغا ئۆزگىرىدۇ.
  2. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەكچى بولسىڭىز قۇرنىڭ بېشىغا قوش چېكىت بەلگىسى (:) دىن بىرنى ئارتۇق قوشۇڭ، ئالدىدىكى سۇئال ياكى جاۋاپنىڭ قۇر بېشىدا (:) بەلگىسى بولمىسا بىرنى قويۇڭ؛ ئەسلىدە بىرسى بولسا ئىككىنى قويۇڭ؛ ئەسلىدە ئىككىسى بولسا ئۈچنى قويۇڭ. شۇ بويىچە كۆپەيتىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ.


سۇئال ياكى تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بولسا بۇ يەردىن باشلاڭ


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.

ئۇيغۇرچە ۋىكىلۇغەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى تەكلىپ-پىكىر ۋە ئۆز كۈچۈڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.


Global AbuseFilter[تەھرىر]

Hello,

AbuseFilter is a MediaWiki extension used to detect likely abusive behavior patterns, like pattern vandalism and spam. In 2013, Global AbuseFilters were enabled on a limited set of wikis including Meta-Wiki, MediaWiki.org, Wikispecies and (in early 2014) all the "small wikis". Recently, global abuse filters were enabled on "medium sized wikis" as well. These filters are currently managed by stewards on Meta-Wiki and have shown to be very effective in preventing mass spam attacks across Wikimedia projects. However, there is currently no policy on how the global AbuseFilters will be managed although there are proposals. There is an ongoing request for comment on policy governing the use of the global AbuseFilters. In the meantime, specific wikis can opt out of using the global AbuseFilter. These wikis can simply add a request to this list on Meta-Wiki. More details can be found on this page at Meta-Wiki. If you have any questions, feel free to ask on m:Talk:Global AbuseFilter.

Thanks,

PiRSquared17, Glaisher

— 17:36, 14 نويابىر 2014 (UTC)

ئەسسالام، بۇ سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلغان ئادەم بىلەن قانداق ئالاقىلشىمەن، ماڭا ياردەم كېرەك ئىدىJust do it! 04:08, 24 دېكابىر 2014 (UTC)[تەھرىر]

مەن بۇ سېستىمىنى ئۆزگەرتىشتىن مەسلىخەت سورىماقچى ئىدىم. بۇ بەتنىڭ سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىش ھەم تەڭشەش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلار بىلەن قانداق ئالاقىلشىمەن؟

قانداق سۇئال تەكلىپلىرىڭىز بولسا، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. بۇ بەتنىڭ ئۆزگەرتىش، تەرجىمە ۋە بەزى ئىقتىدار قوشۇش ئىشلىرىنى مەن بىر مەزگىل قىلغان، بىراق ۋەتەندە ھازىر بۇ بەتكە كىرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا تاشلىنىپ قالدى. ئەگەر سىستېمىنى ئۆزگەرتىش ئويىڭىز بولسا قارشى ئالىمىز. Wiki قائىدىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى قائىدىسىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. بۇ بىر ئەركىن سورۇن. ئەگەر ياردىمىم كېرەك بولسا ياردىمىمنى ئايىمايمەن.

222.82.225.66 10:48, 10 ئاپرېل 2015 (UTC)

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر – كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە[تەھرىر]

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر – كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە ھۈنەر -كەسپ بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى، ھۈنەر – كەسپ ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش مىللى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ، شۇنداقلا شۇ ھۈنەر – كەسپلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى، يىل دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر – كەسپ ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۇراقلاشقان مىللىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . ئەنە شۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر -كەسپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلگەن ۋە تەدرىجى راۋاجلىنىپ مۇكەممەلەشكەن. تۆۋەندە تىلىمىزدىكى ھۈنەر – كەسپكە ئائىت قىسمەن ئالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :

1-تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار

1) ئاتەشكۈ _____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر. 2) پوتال ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم. 3) تولۋۇر ____ تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر. 3) تېكىنەك ___ تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب. 4) تىغچى ____ ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم. 5) جەندىر ____ تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب. 6) جۈپتەك ____ ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ. 7) دوكپايە ____ تۆمۈرچى ، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل سەندەل، ” مىخ سەندەل” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 8) سەندەل ____ تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقاياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب. 9) سىركا ____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى. 10) قەللە ____ قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى، تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 11) قۇيۇچ ___ پولات، گاڭ. 12) قىسقاچ ___ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب. 13)قىلات ____ چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھەيىتى نېپىز قىسمى. 14) كۆرۈك ___ تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى. 15) گوشا ____ چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى، ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ. 16) مورىگۈل ___ تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ. 17) ئوچاقنەيزە ___ ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.

2-موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلار

1)ئاپقۇت ___ كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى جايلاردا ” ئاخپۇت ” مۇ دېيىلىدۇ. 2) ئاپقۇتچى ___ ئاپقۇت ياسىغۇچى ، تەييارلىغۇچى كىشى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى. 3) بەلچە ____ ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب. 4) بۈرەندە ___ موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك ، ئەگرى ساپلىق ئەسۋابى. 5) بىگىز ___ موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب. 6) ئۆكچە ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى. 7) پاشنا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان ، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما، ئۆكچە. 8) پالقان __ ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي. 9)پوركاپ ___ ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۆگىلەك ياغاچ كالتەك. 10) تۆمۈنە ___ ئۇچى نەيزىسىمان ، ئۆتكۈر كېلىدىغان ، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز. 11) چەتنو ___ ئامبۇرنىڭ بىر خىلى. 12) چوپسا ___ خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. 13) دىستە ___ ئاياغنىڭ پاشنىسى. 14) مۇلغۇي ___ موزدۇزنىڭ شىلىمى . 15) سەيدۇ ___ تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق. 16) كاسىۋال ___ ئۈچ قىرلىق ئېكەك. 17) دەستەك ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان ، باشلىقىغا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى. 18) ئۇلتاڭ ___ ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم. 19) نال ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا. 20) ئىسمائىلتاپ ____ موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر. 21) يانتوقا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى. 22) روپچىك ____ موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما. 23) دەزگىل ____ موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن ، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ، ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما. 24) دۇپىي ___ موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش ، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى يەرگە ياكى كۆتەككە قېقىپ قويۇدىغان تۆمۈر ئەسۋاب. 25) كوۋا ___ موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.

3 – موزدۇزلۇقتا چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلار

1) بەتىنكە ___ [رۇسچە] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق ئاياغ. 2) باجىڭگىر ___ [رۇسچە] كۆن، خۇرۇمدىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق ، بوغقۇچلۇق ئاياغ، قونچلۇق توپلەي. 3) بوتىي ____ [رۇسچە] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان يېرىگە تېرە تۇتۇلغان قىشلىق ئاياغ. 4) توپلەي ___ [رۇسچە] ئەر -ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومومى نامى. 5) چوسۇنكا ___ [رۇسچە] قونچى ئىگىز، باشلىقى خۇرۇم ، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق پىيما. 6) شىبلىت ____ [رۇسچە] خۇرۇمدىن تىكىلەەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ. 7) موما خەي ___ [خەنزۇچە] رەختتىن تىكىلگەن قىشلىق ئاياغ كىيىمى.

Compact Links coming soon to this wiki[تەھرىر]

Please help translate to your language

Screenshot of Compact Language Links interlanguage list

Hello, I wanted to give a heads up about an upcoming feature for this wiki which you may seen already in the Tech News. Compact Language Links has been available as a beta-feature on all Wikimedia wikis since 2014. With compact language links enabled, users are shown a much shorter list of languages on the interlanguage link section of an article (see image). This will be enabled as a feature in the soon for all users, which can be turned on or off using a preference setting. We look forward to your feedback and please do let us know if you have any questions. Details about Compact Language Links can be read in the project documentation.

Due to the large scale enablement of this feature, we have had to use MassMessage for this announcement and as a result it is only written in English. We will really appreciate if this message can be translated for other users of this wiki. The main announcement can also be translated on this page. Thank you. On behalf of the Wikimedia Language team: Runa Bhattacharjee (WMF) (talk)-13:06, 29 ئىيۇن 2016 (UTC)

Compact Language Links enabled in this wiki today[تەھرىر]

Please help translate to your language

Screenshot of Compact Language Links interlanguage list

Compact Language Links has been available as a beta-feature on all Wikimedia wikis since 2014. With compact language links enabled, users are shown a much shorter list of languages on the interlanguage link section of an article (see image). Based on several factors, this shorter list of languages is expected to be more relevant for them and valuable for finding similar content in a language known to them. More information about compact language links can be found in the documentation.

From today onwards, compact language links has been enabled as the default listing of interlanguage links on this wiki. However, using the button at the bottom, you will be able to see a longer list of all the languages the article has been written in. The setting for this compact list can be changed by using the checkbox under User Preferences -> Appearance -> Languages

The compact language links feature has been tested extensively by the Wikimedia Language team, which developed it. However, in case there are any problems or other feedback please let us know on the project talk page. It is to be noted that on some wikis the presence of an existing older gadget that was used for a similar purpose may cause an interference for compact language list. We would like to bring this to the attention of the admins of this wiki. Full details are on this phabricator ticket (in English).

Due to the large scale enablement of this feature, we have had to use MassMessage for this announcement and as a result it is only written in English. We will really appreciate if this message can be translated for other users of this wiki. Thank you. On behalf of the Wikimedia Language team: Runa Bhattacharjee (WMF) (talk)-03:05, 1 ئىيۇل 2016 (UTC)