-لىق

ئورنى Wiktionary

ئۇيغۇرچە (ug)[تەھرىرلەش]

سۆز ئارقا قوشۇمچە[تەھرىرلەش]

-لىق

  1. سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە: ئىسىمدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە
    • مەلۇم بىر ئىش بىلەن شوغۇللانغۇچى ئادەمنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئادەم شوغۇللانغان كەسپنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنى ياسايدۇ.
    • ئۆسۈملۈك ۋە جىسىملارنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، شۇ خىل ئۆسۈملۈك ياكى جىسىم كۆپ جاينى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى ياسايدۇ.
    • ئادەمنى ئىپادىلەيدىغان بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ شۇ خىل ئادەمگە خاس خۇسۇسىيەتنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى ياسايدۇ.
    • بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئى ئۈچۈن كېرەكلىك ياكى شۇنىڭغا ئاتالغان نەرسىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى ياسايدۇ.
    • يەر-جاي نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئادەمنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنى ياسايدۇ.