ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Nezeri

Page contents not supported in other languages.
ئورنى Wiktionary

http://www.halastan.com/

خالاستان بىلوگى[تەھرىرلەش]

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئەزىز تورداش: خۇش كەپسىز، مەن خالاستان بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى.مەن كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقىلى ئالاھەزەل 10 يىل بولۇپتۇ.ھازىرقى كەسپىم كومپيۇتېر-تور، ئالاقە كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ.ھازىر مۇقەددەم شەخسى بلوگى يېزىشنى ئويلاپ باقمىغان،شۇڭا ئىزچىل بۇ ساھەدىن يىراق تۇرغانتىم.سەۋەبى، ئالدى بىلەن مىنىڭ بىلىم سەۋىيەم ناھايىتى چەكلىك، بىلىمىم تېيىز. شۇڭا ئوقۇرمەنگە بەرگىدەك يېڭىچە بىلىم-ماھارەت ھازىرلاشتىن ئىلگىرى ئۆز ئالدىمغا چالۋاقاشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەنمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تور-بىلوگلارنىڭ ئۆمرى قانچىلىك دىگەن مەسىلىلەردە ھىچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. شۇڭا ئالدىراش ۋاقىتنى ئىشەنچسىز بىر ئىشقا سەرپ قىلىشنى خالىمىغان. ھازىرمۇ ئىزچىل تىرىشىۋاتىمەن، ئۆگىنىۋاتىمەن.يىقىندىن بىرى كەسپىمنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىش تۈپەيلى iPhone,iPod,iPad,iTV قاتارلىق Apple نىڭ ئۇتۇق قازانغان مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا زامانىۋى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، Computer,Internet … ساھەلەردە ئازتولا بىرنەرسە چۈشەنگەندىن كىيىن ئۆزۈمگە خاس بىر مۇكەممەل سورۇندا كۆپچىلىك بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش مەقسىتىدە بلوگ 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىچىلۋىتىلدى. كەڭ بلوگگېر-تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا ياخشى، ئىجتىمائىي تور مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ بلوگىمغا نازارەتچىلىككە تەكلىپ قىلىمەن. خالاستان بلوگى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئاممىۋى ئىشلار ئۈچۈن ھەقسىز ئىلان-تارقاتقۇ سورۇنى تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ تەشۋىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. خالاستان بلوگى شەخسى بلوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن كەمىنە نەزەرىنىڭ ماقالىلىرىنىلا يوللاش ئاساس قىلىنىدۇ. شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گۈلەن ئەپەندىنىڭ بىۋاستە ماقۇللىشى بىلەن «گۈلەن يازمىلىرى»سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ گۈلەن ئەپەندىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى يۇغلىنىدۇ ۋە بىۋاستە يوللىنىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ گۈلەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىگە ھەرقانداق پىكىرى بولسا خالاستان بلوگىغا قالدۇرسا.گۈلەن ئەپەندى مۇۋاپىق پەيتلەردە ئۆز ماقالىسى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىدۇ.شۇنداقلا بلوگدا يوللانغان ھەرقانداق تېخنىكىلىق ماقالىگە قارىتا ئىنكاسلارغا بىۋاستە تېخنىكىلىق ياردەم تەمىنلىنىدۇ. يۇقارقىلاردىن سىرىت يەنە پىقىرنىڭ قىززىقىشى بويىچە بلوگدا ھەر ھەپتىسى بىردىن موڭلۇق (يىنىك) مۇزىكا تونۇشتۇرۇپ چۈشۈرۈش تەمىنلىنىدۇ. سەھىپە مىقدارى ۋە بلوگ خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بىر يىلدا پەقەت 54 لا مۇزىكا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. چارچىغان نىرۋىلىرىمىز مۇۋاپىق ئارامغا ئىرىشسە نەزەرىنىڭمۇ ھاردۇقى چىقىدۇ، ئەلۋەتت. ھەم تورداشلارنىڭ ئېسىل مۇزىكلارنى بىز بىلەن ھەمبەھىر قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. iPhone ۋە كومپىيۇتېر-تور تېخنىكا بىلىملىرى مۇۋاپىق يوللىنىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇشقا تىرىشىلىدۇ. Halastan Blog نەزەرى يېزىشىدىكى شەخسى بلوگ بولۇپ زامانىۋى ئالاقە، IT، ئۇچۇر-تېخنىكا، سىملىق-سىمسىز تور قۇرۇلۇشى(نەزەرىنىڭ كەسپى)، تور بەت تەشۋىق-ئېلان قاتالىق جەھەتلەردىن تېخنىكىلىق ياردەم تەمىنلەيدىغان، ۋە يۇقارقى ساھەلەردە ھەقلىق-ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بلوگ. خالاستان بلوگى بارلىق تور-بەت، بلوگلار بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، دوستلۇق ئۇلىنىشى ئالماشتۇرىدۇ.زۆرۈر ئالاقە ئۈچۈن ئېلخەت ۋە QQ نومۇر ئوخشاشلا admin@halastan.com . دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان تور بەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا خالاستان بلوگى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىقىندىن بىرى مەندەك بىر يىڭى بلوگگېرنى قوللاپ كىلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىزلەرگە! ھازىر تور بەت رەسمىي مۇقىملىشىپ بولدى، شۇڭا كەڭ تور بەت باشلىقلىرىغا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنىمەن. گەرچە يىڭى قۇرۇلغان كىچىك بىر بلوگ بولسىمۇ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى ئويلىغىنىمدىن ياخشى. مەنمۇ داۋاملىق يىزىپ خاسلىقنى ساقلاپ قالغان ھالدا تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى كەڭ ئىلىمسۆيەر تورداشلاردىن ئايرىمايمەن. ئۇلىنىش ئادىرسى http://www.halastan.com LOGO ئادىرسى http://www.halastan.com/logo.gif