ئوچۇق
Appearance
ئۇيغۇرچە (ug)
[تەھرىرلەش]باشقىچە ھالەتلىرى | ||
---|---|---|
كونا يېزىق | ئوچۇق | UEY |
يېڭى يېزىق | UYY | |
سىرىل يېزىقى | очуқ | USY |
لاتىن يېزىقى | ochuq | ULY |
سۈپەت
[تەھرىرلەش]ئوچۇق
- تەرەپلىرى ھىچ نەرسە بىلەن توسولمىغان.
- ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇق يەرگە ھەر خىل گۈللەر تېرىلغانىدى.
- ئۈستى يېپىلمىغان ياكى كۆپ قىسمى يېپىلماي قالغان.
- ئالماس ئوچۇق سەيناغا چىققاندا، ئۇلار ئالماسنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
- ئۇ ئەخمەتنىڭ ئوچۇق دالاندىن يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆردى.
- يېپىلمىغان، ئېتىلمىگەن ياكى تاقالمىغان، قۇلۇپلانمىغان، قاناتلىرى ئېچىۋېتىلگەن.
- داشانىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزە ئوچۇق ئىدى.
- ئايروپىلاننىڭ ئىشىكى تېخى ئوچۇق تۇراتتى.
- دەم ئېلىپتۇ قاراۋۇلللىرى، ئوچۇق قېلىپتۇ ئۆي-ھۇجرىلىرى.
- يالىڭاچ، ئەت-تېرىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان
- ئوچۇق بەدەن
- ئۇ ئوچۇق كۆكرىكىنى تۇمىقى بىلەن بىرنەچچە قېتىم يەلپۈپ قويۇپ، يەنە بېشىغا كەيدى.
- تۈز، راۋان، توسالغۇسىز.
- دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).
- دېھقانغا جەننەتنىڭ ئىشىكى ئوچۇق (ماقال).
- سىلەرگە مەكتىپىمىزنىڭ ئىشىكى ھەرقاچان ئوچۇق.
- يۇمۇلمىغان، يېپىلمىغان (كۆز، ئېغىز قاتارلىقلار ھەققىدە).
- ئوچۇق ئېغىز ئاچ ئۆلمەس (ماقال).
- ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىچە ئوچۇق تۇراتتى.
- سۈزۈك، بۇلۇتسىز، بۇلۇت ياكى چاڭ-توزانلاردىن خالىي.
- 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق، سەل شامال چىقىپ تۇراتتى.
- تاشۋاي ئوچۇق ئاسمانغا زوق بىلەن تىكىلگىنىچە ئەركىن بىر نەپەس ئالدى.
- زىل، سازم جاراڭلىق
- تەمبۇر، دۇتارلار ئۈچۈن مېۋىلىك ئاق ئۈجمە ياغىچىدىن خەرەك ياساپ ئىشلەتسە، ئوچۇق ئاۋاز بېرىدۇ.
- مۇشۇنداق قىلغاندا ئاھاڭلار ئوچۇق، پاكىز چىقىدۇ.
- بۇلغانمىغان، ساپ، سۈزۈك، راۋان
- -ئاخشامقى كىشمىش ئۆرۈكتىن، -دېدى ئومان، -تومۇرىڭىزنىڭ ئوچۇق چېغىدا ئازراق يەپ باقامسىز؟
- تۈز، پاك، ھىيلە-مىكىردىن خالىي؛ خۇش خۇي، خۇش چاقچاق، مۇلايىم، چىقىشقاق.
- ئۇ تولىمۇ خۇش چاقچاق، ئوچۇق يىگىت ئىكەن.
- گۈلسۈمخاننىڭ ئوچۇق كۆڭۈللۈكى قوشنىلىرىغا يېقىپ قالغانىدى.
- -ساڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي،- دېدى موللازەيدىن ئوچۇق پېئىللىك بىلەن.
- ھەقىقىي، راست، توغرا؛ ئاشكارا، ئېنىق.
- ئۇ بۇ قېتىم ئوچۇق گېپىنى قىلدى.
- مەن ئۆز پىكرىمنى ئوچوق ئېيتتىم.
- ئۇنىڭ رازىلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
- -خوش، -دېدى ئابباس ئەپەندى، -ئوچوق سۆزلىشەيلى.
- قېنىق، تۇتۇقنىڭ ئەكسى (رەڭ ھەققىدە).
- -قاراڭ، -دېدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ، -رەڭگىمۇ شۇنداق ئوچۇق، ئايالىڭىزغا ئالغاچ بارسىڭىز خۇش بولماي قالمايدۇ.
- ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە قاتناشسا بولىدىغان، ئادەم چەكلەنمەيدىغان.
- ئوچۇق يىغىن، ئوچۇق سوت
- ھېچكىمدىن يوشۇرۇلمىغان، ئوچۇق-ئاشكارا بولغان.
- ئوچۇق قارشىلىق، ئوچۇق ھەرىكەت، ئوچۇق مۇناسىۋەت.
رەۋىش
[تەھرىرلەش]ئوچۇق
- ئېنىق، روشەن، ئاسان بىلگىلى، سەزگىلى بولىدىغان ھالەتتە، گەۋدىلىك.
- بۇ يەردە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ئوچۇق ۋە مۇقىم بولىدۇ.
شەكىللەنگەن سۆزلەر
[تەھرىرلەش]سۆز بىرىكمىلىرى
|
|
|
پايدىلانمىلار
[تەھرىرلەش]- ئۇ.ت.ئى.ل: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» «م-ئۈ» (1995) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى لۇغەت بولۇمى تۈزگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى،