ئاپا

ئورنى Wiktionary

ئۇيغۇرچە (ug)[تەھرىرلەش]

باشقىچە ھالەتلىرى
كونا يېزىق ئاپا UEY
يېڭى يېزىق UYY
سىرىل يېزىقى апа USY
لاتىن يېزىقى apa ULY

ئومۇمىي ئىسىم[تەھرىرلەش]

ئاپا

  1. بالىلىق ياكى بالىسى بار ئايال. « ئانا » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    • قۇربان، ئاپامنى قانداق قىلىمىز؟ سىز ئۇنىڭ يېنىدا بولۇڭ!
  2. ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
    • ئايىمخان ئاپا.
  3. III شەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا ئەرنىڭ ئۆز خوتۇنىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ.
    • ئاپىسى! بالىلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟
  4. (قۇمۇل شىۋىسى) ھەدە، ئاچا، ئىگىچە

ئىملىق سۆز[تەھرىرلەش]

ئاپا

  1. قورقۇش، چۆچۈشنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق رولىدا كېلىدۇ
    • چىراغ ئۆچتى. ئۆينىڭ ئىچىدە بىر قىزنىڭ «ئاپا!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


تەرجىمىلەر[تەھرىرلەش]