گاگا

ئورنى Wiktionary

گاگا بولسا ئۇيغۇر باللىرى ۋە ياشىلىرى ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇيۇن، ئاساسلىقى ئوغۇللاي ئوينايدۇ. بۇ ئۇيۇننى يېزىلارنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئويناشقا ماس كىلىدۇ.[تەھرىرلەش]

[تەھرىرلەش]

گاگا

  1. <مەنىسى>

بۇ ئۇيۇننى ئويناش ئۈچۈن ئالدى بىلان يەرنى تىك تۆتبۇلۇپ شەكىلىدە، ئۇزۇنلىقى 15 كەڭلىكى 7 سانتىمىتىرلا ئەتىراپىدا كولايمىز. ياكى ئىككى تال خىش قۇيساقمۇ بۇلىدۇ. ئاندىنى كىيىن گاگانى ياسايمىز. دىئامىتىرى 3-5 سانتىمىتىرىلارچە بولغان ياغاچىنى 10-15 سانتىمىتىرلارغىچە كىسىپ ئىككى ئۇچۇنى ئۇچلايمىز. ئاندىنى كىيىن بىلەك ئۇزۇنلىقىتىكى كالتەكىتىن بىرنى ياسايمىز. ھەممە تەييارلىقىلار پۈتكەندىن كىيىن ئۇيۇننى ئويناش باشلىندۇ.

بۇ ئۇيۇندا ئادەتتە ئىككى ئادەم ئوينايدۇ، كۆپ .ئادەم ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بىر ئادەم ئۇيۇننى باشلايدۇ، كالتەك بىلەن خىشنىڭ ياكى كارىزنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلغان گاگانى بوشلۇققا ئۆرلۈتۈپ ئاندىن كىيىن ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئالدى تەرەپكە قارىتىپ ئۇرىدۇ. يەنە بىر ئادەم بولسا يەگە چۈشكەن گاگانى تىرىپ شۇ جايىدىن گاگا كارىزى بار نۇقتىىنى چەنلەپ ئاتىدۇ. بۇ كىشى گاگا ئۇرۇلغاندىن كىيىن بۇشلۇقتىن تۇتۇۋلاسىمۇ بۇلىدۇ، لىكىن بۇ بىر قەدەر خەتەرلىك. ئەگەردە گاگا خشىنى ياكى كالتەك (خىشنىڭ ياكى كارىزنىڭ ئىچىگە توغرىسىغا قۇيۇلغان) كە تەككۈزەلمىسە، قارشى تەرەپ كالتەك بىلەن گاگانىڭ بىر ئۇچىنى ئۇرۇپ ئۇنى بوشلۇققا كۈتۈرۈپ چاقلاشقا تىرىشىدۇ. تاكى گاگا يەر يۈزىگە چۈشكۈچە. چاقىلغان ساننى گاڭ دەپ ئاتايدۇ. ئۇيۇن مۇشۇ تەرقىدە تاكى گاگانى خشى ياكى كالتەككە تەككۈزگۈچە داۋاملىشىدۇ. كىمنىڭ چاقىلغان سانى جىق بولسا شۇ ئۇتىدۇ.