ياردەم:ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى

ئورنى Wiktionary
Jump to navigation Jump to search

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر تۈرلەنگەندە سۆز يىلتىزى ۋە قوشۇمچىدىن تەركىپ تاپىدۇ. يەنە سۆزنىڭ تۈركۈمىگە قاراپمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە تۈرلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى — يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچىلاردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ئاساسەن تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىققا قارىتىلغان. ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە تامامەن بويسۇنىدۇ. ئەمما چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە دېگەندەك بويسۇنۇپ كەتمەيدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى — يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچىلاردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدۇر.

ئىسىملارنىڭ تۈلىنىشى[تەھرىرلەش]

ئىسىملار سان، كېلىش ۋە شەخسلەر قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنەلەيدۇ. ۋە بۇلار ئارقىمۇ ئارقا بىرلىكتە تۈرلىنەلەيدۇ.

ئىسىملارنىڭ سان جەھەتتىكى تۈرلىنىشى[تەھرىرلەش]

  • كۆپلۈك قوشۇمچىسى: -لار، -لەر: ل<ئا ياكى ئە>ر

ئىسىملارنىڭ كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى[تەھرىرلەش]

  • بىرلا خىل قوشۇمچىسى بار كېلىشلەر (بۇنىڭدا تاللاش يوق)
    ئىگىلىك كېلىش (نىڭ) نىڭ
    چۈشۈم كېلىش (نى): نى
    تەڭلەشتۈرمە كېلىش (-چىلىك) (-چە): چىلىك
  • ئۈزۈك تاۋۇشقىلا باغلىق بولغانلار
    چىقىش كېلىش (-دىن، -تىن): <د ياكى ت>ىن
    ئورۇن-بەلگە كېلىش (-دىكى، -تىكى): <د ياكى ت>ىكى
    ئوخشاتما كېلىش(-دەك، -تەك): <د ياكى ت>ەك
    چەك كېلىش (-غىچە، -قىچە، -گىچە، -كىچە): <غ،ق،گ،ك لاردىن بىرى>ىچە
  • سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشقا باغلىق بولغانلار
    يۆنىلىش كېلىش (-غا، -قا، -گە، -كە) <غ،ق،گ،ك لاردىن بىرى><ئا ياكى ئە>
    ئورۇن كېلىش (-دا، -دە، -تا، -تە) <د ياكى ت><ئا ياكى ئە>

ئىسىملارنىڭ شەخسلەر بىلەن تۈرلىنىشى[تەھرىرلەش]

  • بىرىنچى شەخس
    مېنىڭ (-م، -ىم، -ۇم، -ۈم): <ى، ۇ، ۈ لەرنىڭ بىرى ياكى يوق>م
    بىزنىڭ (مىز، -ىمىز): <ى ياكى يوق>مىز
  • ئىككىنچى شەخس
    سېنىڭ (-ڭ، -ىڭ، -ۇڭ، -ۈڭ): <ى، ۇ، ۈ لەرنىڭ بىرى ياكى يوق>ڭ
    سىزنىڭ (-ڭىز، -ىڭىز): <ى ياكى يوق>ڭىز
    سىلىنىڭ
    سىلەرنىڭ
    سىزلەرنىڭ
    سەنلەرنىڭ
  • ئۈچىنچى شەخس
    ئۇنىڭ، ئۇلارنىڭ (-ى، -سى) :<س ياكى يوق>ى

ئىسىملارنىڭ تۈرلىنىشىنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش[تەھرىرلەش]

تۈرلىنىشنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدە قانۇنلىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا، ئۈستىدىكى تۈرلىنىشتىكى ئورتاقلىقلارغا قاراپ چىقساق:

بۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سوزۇق تاۋۇشى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزىدە ئاجىزلاشسا، بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ.
ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇشمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇمۇ بەزىدە بار، بەزىدە يوق، بەزىدە ئۆزگەرسە، بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ.

بەزىبىر چەتتىن كىرگەن قائىدىسىز ۋە ئالاھدە بىر قىسىم سۆزلەردىن باشقىسىنى مۇنداق گۇرۇپپىلاش مۇمكىن.

سۆزلەر نورمال ھالەتتە: <سۆز يىلتىزى><ئاخىرقى سوزۇق تاۋۇش><ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇش>

سۆزلەر تۈرلەنگەندىن كېيىن: <سۆز يىلتىزى><ئاخىرقى ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەن سوزۇق تاۋۇش><ئاخىرقى ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەن ئۈزۈك تاۋۇش><قوشۇمچە>

سۆز يىلتىزى[تەھرىرلەش]

سۆز يىلتىزى بۇ يەردە ئەمەلىي يىلتىزنى كۆرسەتمەستىن بەلكى، قېلىپتا ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىشتىكى يىلتىزنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بىر سۆزنىڭ تۈرلىنىش جەريانىدا باشتىن ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەڭ ئاخىرقى سوزۇق تاۋۇشقىچە بولغان بۆلەك قېلىپ يىلتىزى بولىدۇ. مەسىلەن:

  • ئالما، ئالمىنىڭ، ئالمام، ئالمىسى
    بۇ سۆزلەرنىڭ ئورتاق ئۆزگەرمەس قىسمى بولسا ئالم
  • تاغ، تېغىم، تاغلار، تاغلىرىم، تاغدەك، تېغىڭىز
    بۇ سۆزلەرنىڭ ئورتاق ئۆزگەرمەس قىسمى بولسا ت

ئاخىرقى سوزۇق تاۋۇش[تەھرىرلەش]

ئەگەر تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا ئەگەر تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا ئەگەر ئارا سوزۇق تاۋۇش بولسا

ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇش[تەھرىرلەش]

ئەگەر جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بولسا ئەگەر جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بولسا


قېلىپلار[تەھرىرلەش]

پايدىلانمىلار[تەھرىرلەش]