مۇنازىرە:Bash Bet
يېڭى تېما قوشكۆرۈنۈش
1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندە،كورىيە توڭ ئىسكىلاتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ ئوت كەتكەن.بۇنىڭ بىلەن 57خىزمەتچىدىن 40 نەپىرى ئۆلگەن،بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 نەپىرى جۇڭگولۇق ئىكەن.قازاغا ئۇچرىغۇچىلانىڭ ئائىلىسى ئەڭ تۆۋىنى 145مىليون ۋوندىن ئەڭ يۇقىرىسى 480مىليون ۋونغىچە تۆلەمگە ئېرىشكەن.ئوتتۇرىچە ھىساپ بىلەن 240مىليون ۋون تۆلەم بېرىلگەن(تەخمىنەن 1مىليون950مىڭ يۇەن).(«جۇڭگو ياشلار گېزىتى»1-ئاينىڭ 15 -كۈنى خەۋىرى).
يۇقۇرىدىكى سان سېفىردىن قارىغاندا كورىيەنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى جۇڭگودىن 10 ھەسسىدىن يۇقۇرى بولغان.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى پەرقمۇ يوق ئەمەس.ئەمما ئۇلارنىڭ ھىساپلاشتىكى باش پىرىنسىپىنىڭ ئۆزىلا كىشىلىك ھاياتى قىممەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.يەنە بەزىلەر ھىساپلاش ئارقىلىق،ئامرىكىدىكى كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنىڭ بىزنىڭ 37.5ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىغىنىنى ھىساپلاپ چىققان.بۇمۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتلىققا ئىتىبار بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىمۇ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى،ھەتتا«كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»دىگەندەك ئەقىلگە زىت كۆز قاراشلارمۇ بارلىققا كەلدى.
«كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»،بۇ بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا،خەلىق ئاممىسىنىڭ دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاجىز ھەم تەڭسىزلىكىگە بولغان ئېچىنىشلىق ھىسياتى ھىساپلىنىدۇ،مەسىلەن كان ئاپەتلىرىدە،بەزى كان ئىگىلىرى ئىنسانىي قىلىپىدىن چىقىپ«جەسەت ساندۇقى دورىدىن جىق ئەرزان»دىيىشكەن.«5000يۇەن+500 جىڭ ئاشلىق=1كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتلىق قىممىتى»دىگەندەك تىئورىمىلار بارلىققا كەلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە ھاياتلىقنىڭ شۇ تەرىقىدە خارلىقى كىشىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيدۇ،ھاياتلىقنىڭ خاسىيىتى ئۆز رولىنى يوقاتقان بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا كورىيەنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى خەلىق ئاممىسىغا ھاياتلىق قىممىتىگە بولغان ھۆرمەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى.ئىككى خىل روشەن سېلىشتۇرما،ئاممىنىڭ غۇلغۇلىسى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى.ئەمما «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»
غەزەپلىنش كەيپىياتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ،يەنە ھاياتلىقنى خارلاش كەيپىياتىنىڭ غەيرى ئەكسى ھىساپلىنىدۇ.چۇنكى،بۇ بىر خىل ئەقلى كەيپىيات ئەمەس،،ئەمما بۇ بىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى تەھلىل قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ،غەيرى ئەقلى كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن ئۇقۇمنى ئېنىق تونۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
«كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»،تۈپكى جەھەتتىن ئېيتىقاندا،ئاممىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولغان پۇقرا ھوقوق-مەنپەئەتىنىڭ پەرقىگە بولغان نارازلىق ئىپادىسى،ھەم بىزنىڭ مەسىلىنى كۈزىتىشىمىزدىكى نوقتىمىز ھىساپلىنىدۇ.
ھازىرنى ئېلىپ ئېيتقاندا،دۆلىتىمىزدە ئىنسانلار توغۇلغان جايى،كەسپى،تارمىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن،ھاياتلىق قىممىتىدىمۇ ئاسمان-زىمىن پەرق بولىدۇ،ھالبۇكى ھەر خىل پەرقلەر ئىچىدە،بەزىلىرىنىڭ كىشىلىك قىممىتى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ،مەسىلەن تارماق پەرقى،يېزا- بازار پەرقى دىگەندەكلەر.مەيلى قانون نوقتىسىدىن بولسۇن،مەيلى ئەقلى جەھەتتىن بولسۇن،بىزنىڭ قازا يۈز بەرگەن يەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ،تۆلەمنىمۇ ھەر خىل بېرىشىمىزنىڭ قىلچىلىك ئاساسى يوق!كىشىلىك قىممەتنى ئېلىپ ئېيتقاندا،ھەممە ئادەم مۇتلەق باراۋەر،ئەمما ئۇلارنىڭ بالا-قازا بىلەن بولغان ئارىلىقىلا ئوخشىمايدۇ خالاس!ئەمما ھىچقانداق ئېسىل-پەس،يۇقۇرى-تۆۋەنلىك پەرقى بولمايدۇ.
تۆلەم مەسىلىسىدە،بىز ئەقىلگە سىغىدىغان پەرققە يول قويىمىز،ئەمما ئەقىلگە سىغىدىغان پەرقنىڭ ماھىيىتى شەكىل جەھەتتىكى باراۋەرلىك ئادىل باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەتمىگەندە،شەكىلدىكى باراۋەرلىك ئارقىلىق ئادىللىقنى ياقلاشقا مەجبۇر بولىمىز!ناۋادا پەرقلىق مۇئامىلە ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەلمىسە،مەلۇم مىقتاردا ئۇنى ئازايتىپ قويسا،ئالاھىدە كوللىكتىپنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ئەزالار بىلەن بولغان پەرقىنى چوڭايتىۋەتسە،ئۇنداقتا بۇ خىل پەرىق ئەخلاقىي ئەقلىيلىككە ئىگە بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە،دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىگە بولغان سۇسلۇق ئىپادىلىرى ھەر تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ،مەسىلەن دۆلىتىمىزدە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوقى يەڭدى،نۆۋەتتە ھەر بىر ئەنزىدە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ئوتتۇرا ھىساپ بىلە
==
Headline text
[تەھرىر]--210.162.57.100 05:42, 25 January 2008 (UTC) == ن 700 يۇەن،ئەمما ئامرىكىدا بۇ سان 35مىڭ ئامرىكا دوللىرى!جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋۇگاۋخەننىڭ دىيىشىچە،گەرچە دكلەت ئاھۋالى ئوخشىمىسىمۇ،ئەمما جۇڭگونىڭ تۆلەم قىممىتى روشەن ھالدا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھاياتلىق ھوقوقىىغا بولغان باراۋەر مۇئامىلە باراۋەرلىكنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلىپىدۇر.ھاياتلىق تۆلىمىدەك تۆلەم ھادىسىسى باراۋەرلىك روھىنى تەرغىپ قىلىدىغان سەھنە ھىساپلىنىدۇ،شۇنداقلا ھاياتلىق قىممىتىنى ھەقىقىي ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم سەھنە ھىساپلىنىدۇ.ھاياتلىق سوقوقى ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەندە،باشقا سوقوقلارنىڭ باراۋەرلىكىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ تەس بىز ئىش!بۇمۇ ھەم ئامما ئىچىدە «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»دىگەندەك قاراشنىڭ تارقىلىشنىڭ سەۋەبى.كىشىلىك بىخەتەرلىك ھوقوقى،ساغلاملىق ھوقوقى كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۈپكى ھوقوقىدۇر،بۇ ھوقوققا بولغان ھۆرمەتمۇ يوقالسا،پۇقرالارنىڭ كىشىلىك قىممىتى كاپالەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا بۇ نوقتىنى ئېنىق تونىغاندىلا،ئاممىنىڭ «كورىيەدە ئۆلسە بولىدىكەن»دىگەندەك غەيرى قاراشلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.