كەپتەر

ئورنى Wiktionary

كەپتەر - كەپتەرسىمانلار ئەتىرىتى، كەپتەر-پاختەك تارمىقى، كەپتەر ئائىلىسىگە تەۋە قانىتى چوڭ، ئۇچۇشقا ماھىر بىر خىل قۇش. ياشاش ئادىتىگە ئاساسەن ئۆي كەپتىرى ۋە ياۋا كەپتەر دەپ ئاتىلىدۇ، تۈرلىرى كۆپ. ئۆسۈملۈك دانىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ياۋا كەپتەر تاغلىقلارغا، چۆللۈكلەرگە ماكانلاشقان بولۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ دان، سۇ تېپىپ كېلىپ باللىرىنى باقالايدۇ. ئۆي كەپتەرلىرى چوڭ جەھەتتىن مەنزىرە كەپتەرلىرى ۋە پوچتا كەپتەرلىرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، مەنزىرە كەپتەرلىرى ئاساسەن رەڭگى، ئۇچۇشى ۋە ئاۋازىغا ئاساسەن تاللاپ ھوزۇرلىنىشنى ئاساس قىلىپ بېقىلىدىغان كەپتەرلەرنى كۆرسىتىدۇ، پوچتا كەپتەرلىرى ئۆي كەپتەرلىرى ئىچىدىكى بىر خىل ئۇزۇنغا ئۇچۇشقا، ئۆيىگە قايتىپ كېلىشكە ماھىر كەپتەر تۈرى بولۇپ ئىلگىرى خەت – ئالاقە توشۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن، ھازىر مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرىلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىلەرنى باسالايدۇ، ئادەتتە 200، 300، 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىلەر كۆپرەك ئويۇشتۇرىلىدۇ. ئادەتتە كەپتەر تىنىچلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا كەپتەرچىلىكنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ئەجداتلىرىمىز بۇرۇنتىن كەپتەرنى كۆندۈرۈپ بېقىپ كەلگەن، ھازى مەنزىرە كەپتىرىنى باققۇچىلار كۆپرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېسىل نەسىللىك مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى كىرگۈزۈپ يەرلىك پوچتا كەپتەرلىرى بىلەن چاڭلاشتۇرۇپ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. يەنە ئۇيغۇرچە مەخسۇس كەپتەر تور بېكىتى قۇرۇلۇپ تەرەققىياتى تېز بولماقتا، ئۇيغۇرچە كەپتەرگە مۇناسىۋەتلىك «كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» تور بېكىتىنىڭ ئادرېسى: http://www.izgu.net