ئىشلىمەك

ئورنى Wiktionary

ئۇيغۇرچە (ug)[تەھرىرلەش]

باشقىچە ھالەتلىرى
كونا يېزىق ئىشلىمەك UEY
يېڭى يېزىق UYY
سىرىل يېزىقى ишлимәк USY
لاتىن يېزىقى ishlimek ULY

پېئىل[تەھرىرلەش]

ئىشلىمەك

  1. ئىش بىلەن مەشخۇل بولماق، ۋاقتىنى ئىش بىلەن ئۆتكۈزمەك، ئەمگەك قىلماق، مېھنەت قىلماق.
    • زاۋۇتتا ئىشلىمەك، ئېتىزدا ئىشلىمەك، زاۋۇتتا ئىشلىمەك
  2. بىرەر خىزمەتنى ئۆتىمەك، خىزمەت قىلماق، ئادا قىلماق، بېجىرمەك ياكى مۇلازىمەت قىلماق.
    • ئىدارىدە ئىشلىمەك، دېرىكتور بولۇپ ئىشلىمەك، ئۇستامنىڭ قولىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىمەك. دوختۇرخانىدا ئىشلىمەك
  3. بىرەر ئىشنى، ۋەزىپىنى ھۆددىگە ئالغان ئاساستا ئىش قىلماق.
    • ئۇ كېيىنچە ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى.
  4. بىرەر نەرسە ياسىماق، ياساپ چىقارماق، ھازىرلىماق.
    • قەغەز ئىشلىمەك، توڭلاتقۇ ئىشلىمەك، ئۇنىڭ ئۇزۇن قويرۇقى، ئاپئاق تۈكى بار، ئوتقا سالسا كۆيمەيدۇ دەپ ھېسابلايتى، شۇڭا ئۇنىڭدىن چىراق پىلىكى، قوغدىنىش رەختى ئىشلەيتى.
  5. بىرەر نەرسىنى، ئىشنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، ئىجاد قىلماق، ياراتماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق.
    • فىلىم ئىشلىمەك، كىنو ئىشلىمەك، MTV ئىشلىمەك، ئاھاڭ ئىشلىمەك. ئېلىكتىرۇنلۇق ئالبۇم ئىشلىمەك.
  6. قىلماق، تىكمەك.
    • ياستۇققا كەشتە ئىشلىمەك، رەشىلىيە ئىشلىمەك، گۈل ئىشلىمەك
  7. ھەرىكەتتە بولماق، رولى بولماق، كارغا كەلمەك.
    • بۇ ماشىنا ھازىرمۇ نورمال ئىشلەيدۇ
  8. ئۆز فونكىسىيەسىنى، رولىنى، ئىقتىدارىنى، ۋەزىپىسىنى نورمال جارى قىلماق، ئەسلىدىكى خىزمەت ئىقتىدارىنى ساقلىماق.
    • كاللىسى ئىشلىمەك، ئۇنىڭ كۆزى ئىشلىمەيدۇ، ئۇ مېڭىسىنى ھېچ ئىشقا ئىشلەتمەيدۇ.
  9. ئەسقاتماق، كارغا كەلمەك، رولى بولماق.
    • سېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىڭ بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭ داۋالاش كېنىشكىسى بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىمەيدۇ.
  10. بىرەر ئىش، مەسىلە قاتارلىقلارنى ھازىرلىماق، تەييارلىماق، بېجىرمەك.
    • تاپشۇرۇق ئىشلىمەك، لايىھە ئىشلىمەك، بۇ ئوقۇغۇچى مەسىلىنى دوسكىغا ئىشلىدى. ئىشخانامدا ماقالە ئىشلەۋاتاتتىم، ئېشىك ئېچىلىپ بۆلۈم مۇدىرى كىرىپ كەلدى.